مىڭدىن ئارتۇق سۈرىيە ئەسكىرى بىر تەرەپ قىلىندى
تۈركىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدا 17 – فېۋرالدىن بۇيانقى ھەربىي ھەرىكەتلەردە 1709 سۈرىيە ئەسكىرى بىر تەرەپ قىلىندى.
1368092
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىگىلىنىشىچە، ئۇرۇش توختىتىش مەقسىتىدە ئىدلىب رايونىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تۈركىيە قىسىملىرى 17 كۈن ئىچىدە 1709 سۈرىيە ئەسكىرىنى بىر تەرەپ قىلغان، 55 تانكا، 3 تىك ئۇچار ئايروپىلان، 18 بىرونىۋىك، 29 شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەك، 21 ھەربىي ئاپتوموبىل، 4 دوچكا تىپلىق قورال، 6 ئوق - دورا ئىسكىلاتى ۋە 7 شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەكنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتكەن.