چەلىك: ئەمدى كۆچمەنلەرگە توسالغۇ بولمايمىز

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك تۈركىيەنىڭ ئەمدى ياۋروپاغا كېتىشنى خالدايدىغان كۆچمەنلەرگە توسالغۇ بولمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1368396
چەلىك: ئەمدى كۆچمەنلەرگە توسالغۇ بولمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چەلىك بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ تۈركىيە ئەسكەرلىرى شېھىت بولۇپ كەتكەن خائىنلارچە ھۇجۇمىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «كۆچمەنلەر سىياسىتىمىز ئۆزگەرگىنى يوق، لېكىن رېئاللىق ھەممىگە ئايان، بىزنىڭ ئەمدى ياۋروپاغا كەتمەكچى بولغان  كۆچمەنلەرگە داۋاملىق توسالغۇ بولغۇدەك ئەھۋالىمىز قالمىدى.»

بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ قويۇق ھۇجۇملىرىدىن قاچقان ئىدلىب خەلقىنىڭ تۈركىيە چېگراسىدا توپلىنىۋاتقان كۆچمەنلەرنىڭ، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز يولى ئارقىلىق ياۋروپاغا كېتىشىگە توسقۇنلۇق قىلىنمايدىغانلىقى، ساھىل بىخەتەرلىكى ۋە  چېگرا بىخەتەرلىكى ئەترەتلىرىگە بۇ ھەقتە تېگىشلىك يوليورۇقلارنىڭ بېرىلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر