«بەششار ئەسەد ۋە ھاكىمىيىتى ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ»

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس  فۇئات ئوكتاي بەششار ئەسەد ۋە ھاكىمىيىتىنىڭ ئېغىر بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1368051
«بەششار ئەسەد ۋە ھاكىمىيىتى ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ»
omer celik.jpg
altun.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوكتاي سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدا تۈركىيە قىسىملىرىغا قىلىنغان ۋە 33 تۈركىيە ئەسكىرى شېھىت بولغان خائىنلارچە ھۇجۇم ھەققىدە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا مۇنداق دېدى: «تارىختىن <ئۇرۇش جىنايەتچىسى> سۈپىتىدە ئورۇن ئالىدىغان تېررورلۇق دۆلىتىنىڭ بېشى بەششار ئەسەد ۋە ھاكىمىيىتى بۇ نومۇسسىزلارچە ھۇجۇمى ئۈچۈن چوقۇم ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ.  دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئىدلىبتا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان قىسىملىرىمىزغا قىلىنغان بۇ خائىنلارچە ھۇجۇمدا شېھىت بولۇپ كەتكەن ئەسكەرلىرىمىزگە ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمەن. ئاللاھ بىزگە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!»

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «سۈرىيە ساھەسىدىكى پائالىيەتلىرىمىز تاكى تۈركىيە بايرىقىغا قول ئۇزاتقان قوللار سۇندۇرۇپ تاشلانغانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ. 33 ئەسكىرىمىزنىڭ قېنى ھەرگىزمۇ يەردە قالمايدۇ. دەرۋەقە، قانۇنسىز سۈرىيە ھۆكۈمىتى كۈچلىرىگە تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇش قارارلاشتۇرۇلدى. بۇ دائىرىدە، ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن بەششار ئەسەد كۈچلىرىگە ئائىت نىشانلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى، بۇ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ.»

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك مۇنداق دېدى: «قاتىل بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە بۇ ھاكىمىيەتنى جاسارەتلەندۈرۈۋاتقانلار بۇ نومۇسسىزلىقىنىڭ ئېغىر بەدىلىنى تۆلەيدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر