بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ نۇقتىلىرى كېچە بويىچە بومباردىمان قىلىندى

تۈركىيە ئارمىيەسى ئىدلىبتا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى قىسىملىرىنىڭ ھەربىي نۇقتىلىرىنى كېچە بويىچە بومباردىمان قىلدى.

1368378
بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ نۇقتىلىرى كېچە بويىچە بومباردىمان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى نۇقتىلىرىنىڭ ھاۋادىن ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىق زەمبىرەكلەر بىلەن بومباردىمان قىلىنغاندىكى كۆرۈنۈشلەرنى سىنغا ئالدى.

سىن كۆرۈنۈشلىرىدە، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ھەربىي ئاپتوموبىللىرى، ھەرىكەتلىنىۋاتقان قىسىملار، ھەربىي نۇقتىلار ۋە ئوق-دورا ئىسكىلاتلىرىنىڭ بىتچىت قىلىنغانلىقى دىققەت قوزغايدۇ.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ تۈنۈگۈن (27-فېۋرال) كى ئىدلىب ھۇجۇمىدا 33 تۈركىيە ئەسكىرى شېھىت بولدى، 32 ئەسكەر يارىلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر