تۈركىيە خوجالى قەتلىئامى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە، ئەرمەنلەرنىڭ 1992 – يىلى 26 – فېۋرالدا ئەزەربەيجاننىڭ خوجالى رايونىدا سادىر قىلغان قەتلىئامىنى ۋە ئەزەربەيجان زېمىنلىرىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئىشغال قىلىپ تۇرۇلۇشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1366759
تۈركىيە خوجالى قەتلىئامى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئەزەربەيجاننىڭ يۇقىرى قاراباغ رايونىدىكى خوجالى شەھىرىگە قىلىنغان ھۇجۇمدا، 106 سى ئايال، 63 ى كىچىك بالا ۋە 70 نەپىرى ياشانغانلار بولۇپ جەمئىي 613 بىگۇناھ ئەزەربەيجان پۇقراسىنىڭ قانخورلارچە قەتل قىلىنغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتتى.

مەزكۇر ۋەقەدە، 1000 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئەسىر ئېلىنغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، ئىز – دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەسلىكى ئەسكەرتىپ ئۆتۈلدى ۋە داۋامىدا، «پۇقرالارغا قىلىنغان بۇ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ھۇجۇم ۋە ئەزەربەيجان زېمىنلىرىنىڭ ئىشغال قىلىنىشى نەتىجىسىدە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئەزەربەيجانلىق ئۆي – ماكانلىرىنى تەرك قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، ئۆز دۆلەتلىرىدە مۇساپىر بولۇپ ياشىماقتا. ھازىرمۇ ئەزەربەيجان زېمىنلىرىنىڭ %20 ى ئىشغال ئاستىدىدۇر. بۇ قەتلىئامنى ۋە ئەزەربەيجان زېمىنلىرىنىڭ يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىشغالىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز.

ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرىمىز 28 يىل ئىلگىرى خوجالىدا دۇچ كەلگەن قەتلىئامنىڭ ئازابلىرى سەمىمىي ئورتاقلىشىمىز. بۇ تىراگېدىيەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز، پۈتكۈل ئەزەربەيجان خەلقىگە ئەڭ سەمىمىي تەزىيە تىلەكلىرىمىزنى بىلدۈرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر