ئاقار ئەنگلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، ئەنگلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى بېن ۋالېيس بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
1365716

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىنىستىر ئاقار ئەنگلىيەلىك مەنسەپدېشى بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدىكى كىرىزىس بىلەن بىرلىكتە، مۇداپىئە، خەۋپسىزلىك ۋە مۇداپىئە سانائىتى قاتارلىق ساھەلەر بويىچە پىكىر ئالماشتۇرغان.