ئەردوغان ئەزەربەيجانغا يۈرۈپ كەتتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇغا يۈرۈپ كەتتى.
1365783
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان باكۇدا «تۈركىيە - ئەزەربەيجان ئىستىراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى» نىڭ 8 – نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.
يىغىن دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇچرىشىشلاردا، تۈركىيە – ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرى كەڭ دائىرىدە كۆزدىن كەچۈرۈلىدۇ، ھەمدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىنكانىيەتلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ئۇچرىشىشلار دائىرىسىدە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت يەنە، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر توغرىلىقمۇ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلۇشى كۈتۈلمەكتە.