پ ك ك ئەزاسى 11 تېررورچى تۇتقۇن قىلىندى
بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ جەمئىي 11 ئەزاسى سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىغا ئاساسەن تۇتقۇن قىلىندى.
1366006
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماردىندا يېقىنقى 10 كۈن ئىچىدە قولغا چۈشۈرۈلگەن ياكى خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغان بولۇپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ جەمئىي 11 ئەزاسى سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىغا ئاساسەن تۇتقۇن قىلىندى.
خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ خىزمەت ئىشلىشى سايىسىدا قايىل بولغان ئىككى تېررورچى نۇسابيىن چېگراسىدا تاپشۇرۇپ ئېلىندى.
مەزكۇر ئىككى تېررورچى ژاندارما قوماندانلىق مەركىزىدىكى رەسمىيەتلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئەۋەتىلگەن سوت مەھكىمىسىدە، «قوراللىق تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىندى.
بۇنىڭ بىلەن يېقىنقى 10 كۈن ئىچىدە تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىگە سۇلانغان تېررورچى سانى 11 گە يتتى.