ئەردوغان ئەتە ئەزەربەيجاننى زىيارەت قىلىدۇ

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەتە (2020-يىلى 25-فېۋرال) تۈركىيە-ئەزەربەيجان يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ 8-قېتىملىق يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولىدۇ.

1365365
ئەردوغان ئەتە ئەزەربەيجاننى زىيارەت قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئەزەربەيجان زىيارىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، 8-قېتىملىق تۈركىيە-ئەزەربەيجان يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ باشچىلىقىدا، مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن پايتەخت باكۇدا ئېچىلىدىكەن.

كېڭەش يىغىنىدا، تۈركىيە-ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرى بارلىق تەرەپلىرى بىلەن كۆزدىن كەچۈرۈلىدۇ ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقلارنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىمكانىيەتلىرى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

كېڭەش يىغىنى دائىرىسىدىكى ئۇچرىشىشلاردا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىدىن باشقا، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر توغرىسىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ.

يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن، ئىككى تەرەپنىڭ ئەھدىلىرىگە مۇھىم ھەسسىلەرنى قوشىدىغان كېلىشىملەرنىڭ ئىمزالىنىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر