ئەردوغان ماكرون ۋە مېركېل بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون ۋە گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1363970
ئەردوغان ماكرون ۋە مېركېل بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىر قېتىملىق مۇھىم تېلېفون دىپلوماتىيەسى ئېلىپ باردى.

مېركېل بىلەن كۆرۈشكەندە، گېرمانىيەنىڭ شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئىرقىچىلىق ھۇجۇمىدا جېنىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن سەۋر، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلىدى ۋە چەت ئەللىكلەرگە دۈشمەنلىك قىلىش، ئايرىمىچىلىق قىلىش ۋە ئىسلامغا قارشى خاراكتېرىگە ئىگە بۇنداق ھۇجۇملارنى لەنەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۈرىيە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئىدلىبتىكى ھۇجۇملىرىنىڭ توختىتىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، رايوندا ئىنسانىي كىرىزىسنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، كونكرېت ھەرىكەتلەر ئارقىلىق كۈچلۈك قوللاشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئاخىرىدا، لىۋىيە خەلقىنىڭ تىنچلىققا، پاراۋانلىققا ۋە مۇقىملىققا ئېرىشىشى ئۈچۈن ئىزچىللىققا ئىگە سىياسەتلەر بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىش كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر