ئەردوغان گېرمانىيەدىكى ئىرقچى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەرنىڭ ئائىلىلىرىگە تەزىيە بىلدۈردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، گېرمانىيەنىڭ خانائۇ شەھىرىدە تۈنۈگۈن مەيدانغا كەلگەن ئىرقچى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى.

1363530
ئەردوغان گېرمانىيەدىكى ئىرقچى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەرنىڭ ئائىلىلىرىگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ھۇجۇم توغرىسىدا تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق ئۇچۇر ئورتاقلىشىپ، «گېرمانىيەنىڭ خانائۇ شەھىرىدە مەيدانغا كەلگەن پەسكەشلەرچە ھۇجۇمدا جېنىدىن ئايرىلغان قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمەن، ئائىلىلىرىگە تەزىيە بىلدۈرىمەن» دېدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر