ئىدلىبتا ئىككى ئەسكەر شېھىت بولدى

سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدىكى تۈركىيە قىسىملىرىغا قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىدا، ئىككى ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقى، بەش ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1363455
ئىدلىبتا ئىككى ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىدلىبتىكى قىسىملارغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلىنغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، تۈركىيە قىسىملىرىغا ھاۋادىن قىلىنغان ھۇجۇمدا، ئىككى ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقى، بەش ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى:

«ئىدلىبتا تىنچلىقنى ساقلاش ئۈچۈن تۇرۇۋاتقان ھەربىي قىسىملىرىمىزغا قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىدا، ئىككى قەھرىمان ئەسكىرىمىز شېھىت بولدى، بەش قەھرىمان ئەسكىرىمىز يارىلاندى. بەلگىلەنگەن نۇقتىلار ئوت چەمبىرىكى ئىچىگە ئېلىندى ۋە بۇ داۋام قىلىۋاتىدۇ.»

ئىدلىبتىكى ئوخشىمىغان مەنبەلەردىن ئېلىنغان ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بېرىلگەن قايتۇرما زەربىدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ 50 دىن ئارتۇق ئەسكىرى بىر تەرەپ قىلىنغان. بۇنىڭدىن باشقا، بەش تانكا، ئىككى ھەربىي ئاپتوموبىل، ئىككى دانە قورال ئورنىتىلغان پىكاپ، بىر يىراق مۇساپىلىق زەمبىرەك پاچاقلاپ تاشلانغان.       



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر