شەنتوپ گىرېتسىيە پىرېزىدېنتىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستافا شەنتوپ، گىرېتسىيە پىرېزىدېنتى پروكوپىس پاۋلوپۇلوسنىڭ غەربىي تراكيا تۈركلىرىنى يوققا چىقىرىۋەتكەن ئىرقچى باياناتىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1362037
شەنتوپ گىرېتسىيە پىرېزىدېنتىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستافا شەنتوپ، گىرېتسىيە پىرېزىدېنتى پروكوپىس پاۋلوپۇلوسنىڭ غەربىي تراكيا تۈركلىرىنى يوققا چىقىرىۋەتكەن ئىرقچى باياناتىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، غەربىي تراكيا تۈركلۈكىنىڭ بارلىقىنى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

شەنتوپ ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «گىرېتسىيە پىرېزىدېنتى پروكوپىس پاۋلوپۇلوسنىڭ غەربىي تراكيا تۈركلىرىنى يوققا چىقىرىۋەتكەن ئىرقچى باياناتىنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن. غەرب تراكيا تۈركلىرى باردۇر ۋە مەۋجۇت بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. تارىخىمىزنىڭ قىممەتلىك نىشانى سۈپىتىدە رۇمەلىدە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز خاتىرجەم بولسۇنلاركى، تۈركىيە ھەردائىم ئۇلارنىڭ يېنىدىدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر