ئىككى تېررورىست تەسلىم بولدى
سۈرىيەنىڭ شىمالىدىن قاچقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك|ي پ گ غا ئەزا بولغان ئىككى تېررورىست، تۈركىيە خەۋپسىزلىك قىسىملىرىغا تەسلىم بولدى.
1360734
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەسلىم بولغان تېررورىستلار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
مىنىستىرلىقنىڭ تۋىتتېر بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىن قېچىشلار داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىن قاچقان پ ك ك|ي پ گ غا ئەزا بولغان ئىككى تېررورىست، كىلىسنىڭ چوبانبەي رايونى ۋە شانلىئۇرفا سۇرۇچ ناھىيەسىدىكى چېگرا قاراۋۇلخانىسىغا تەسلىم بولغان.