تەلئەبيادتىكى ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىنى سادىر قىلغان تېررورچى تىرىك قولغا چۈشۈرۈلدى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تەلئەبياد ناھىيەسىدىكى ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىنى سادىر قىلغان تېررورچى تىرىك قولغا چۈشۈرۈلدى.

1360529
تەلئەبيادتىكى ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىنى سادىر قىلغان تېررورچى تىرىك قولغا چۈشۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى تەرىپىدىن تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تېررورچىلاردىن خاليلاشتۇرۇلغان سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تەلئەبياد ناھىيەسىدە بومبىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 4 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى.

تەلئەبياد ناھىيە مەركىزىنىڭ قايناق كوچىلىرىنىڭ بىرىدە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 4 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى؛ خەۋپسىزلىك مەنبەلىرى، تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇلغان رايونلاردىكى بومبىلىق ھۇجۇملارنى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك نىڭ سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى، بىراق، تەشكىلاتنىڭ، ھۇجۇملاردا پۇقرالار زىيانكەشلىككە ئۇچرىتىلغانلىقى ئۈچۈن، جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

شانلىئۇرفانىڭ ئاقچاقەلئە ناھىيەسىنىڭ سۈرىيە تەرىپىگە جايلاشقان سۈرىيەنىڭ تەلئەبياد ناھىيە مەركىزى 2019 – يىلى 13 – ئۆكتەبىردە تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى سايىسىدا تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇلغانىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، تەلئەبيادتىكى بومبىلىق ھۇجۇمنى سادىر قىلغان تېررورچىلارنىڭ تىرىك ھالەتتە قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

مىنىستىرلىقنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا تارقىتىلغان باياناتتا، ھۇجۇمنى سادىر قىلىپ بولۇپ، ئىككىنچى بىر ھۇجۇمنى سادىر قىلىش ئۈچۈن بىر ئاپتوموبىل بومبا بىلەن رايونغا بارغان بىر تېررورچىنىڭ تىرىك ھالەتتە قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر