ئەردوغان: ئەسەد قىسىملىرى چېكىنمىسە، تۈركىيە ئىدلىبقا يالغۇر قالغان تەقدىردىمۇ مۇداخىلە قىلىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۈرىيەدە بەششار ئەسەد قىسىملىرى ئەگەر فېۋرال ئېيى ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى كېلىشىملەردە بەلگىلەنگەن چېگراسىغا چېكىنمەيدىكەن، تۈركىيەنىڭ مۇداخىلە قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1360243
ئەردوغان: ئەسەد قىسىملىرى چېكىنمىسە، تۈركىيە ئىدلىبقا يالغۇر قالغان تەقدىردىمۇ مۇداخىلە قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇل ۋىلايەتلىك باشقارمىسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن يېڭى ئەزا خىزمەتلىرى مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىكى زۇلۇملارنى توختىتىش ۋە چېگرا مۇداپىئەسىنى قوغداشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

ئەردوغان ئەسەد قىسىملىرى سوچى كېلىشىمىدە بەلگىلەنگەن چېگرا دائىرىسىگە چېكىنگەنگە قەدەر ئىدلىبتىكى مەسىلىنىڭ ھەل بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، تۈركىيەنىڭ ئىدلىبتە زورۈر تېپىلغاندا يالغۇز ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئەردوغان: «ھازىر سۈرىيەدىكى ئەڭ جىددىي مەسىلە بولغان ئىدلىب مەسلىسىنىڭ چارىسى، ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ بالدۇرراق توختىتىلىشى ۋە ئىلگىرىكى كېلىشىملەردە بەلگىلەنگەن چېگرا دائىرىسىگە چېكىنىشىدىن ئىبارەتتۇر. ئەكسىچە بولغاندا، فېۋرال ئېيى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا بىز بۇ ئىشنى ئۆزىمىز قىلىمىز. بۇ ئىشنى دوستلىرىمىزنىڭ قوللىشى بىلەن ئىشقا ئاشۇرالىساق، بۇنىڭدىن مەمنۇلۇق ھېس قىلىمىز، ياق، ئەگەر بۇ ئىشنى قېيىن يولدىن قىلىشقا توغرا كەلسە، بىز ئۇنىڭغىمۇ تەييارمىز» دېدى.

ئەردوغان يەنە، «سۈرىيەنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن ۋە ھۆكۈمەت زۇلمىدىن تازىلىماي تۇرۇپ، بىزنىڭ راھەت ئۇخلىشىمىز ھارام» دېدى. 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر