ئاقار ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى بېن ۋاللاكې ۋە فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فلورېنسې پارلى بىلەن ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشتى.

1359378
ئاقار ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى
Florence Parly-Hulusi Akar.jpg
Hulusi Akar-Ben Wallace.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقار شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى يىغىنى دائىرىسىدە بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە، ئالدى بىلەن،  ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى بېن ۋاللاكې  بىلەن، ئارقىدىن فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فلورېنسې پارلى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇچرىشىلاردا، ھەربىي، بىخەتەرلىك ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى ساھەلىرىدە ھەمكارلىق ئورنىتىشتىن سىرت يەنە، لىۋىيە ۋە سۈرىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر، بۇ دائىرىدە ئىدلىبنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىي تىراگېدىيەگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن تاشلىنىشقا تېگىشلىك قەدەملەر قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

تۈركىيەنىڭ ئارزۇ – ئۈمىدلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئاقار، ئىدلىبتا ئۆي – ماكانلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغان خەلقنىڭ، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ زوراۋانلىقى سەۋەبىدىن بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ كونتىروللۇقىدىكى رايونلارغا ئەمەس، تۈركىيەگە يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر