تۈركىيە ئارمىيەسى سۈرىيە چېگراسىغا تانكىلارنى ئەۋەتتى

تۈركىيە ئارمىيەسى، سۈرىيەنىڭ چېگراسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان قىسىملارنىڭ ئارقا سېپىگە تانكىلارنى سەپلىدى.

تۈركىيە ئارمىيەسى سۈرىيە چېگراسىغا تانكىلارنى ئەۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن يولغا سېلىنغان تانكا يۈكلەنگەن ئاپتوموبىللار، غازىئانتەپنىڭ ئىسلاھىيە ناھىيەسىگە يېتىپ باردى ۋە ئۇ يەردىن كۈچلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا خاتايغا قاراپ يولغا چىقتى.

تانكىلارنىڭ سۈرىيە چېگراسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان قىسىملارغا تاپشۇرۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر