تۈركىيە سۈرىيەگە جاۋاب قايتۇردى

تۈركىيە سۈرىيەنىڭ 1915 – يىلقى ۋەقەلەرنى ئاتالمىش «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىش قارارى چىقىرىرىشىنىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئىككى يۈزلىمىچىلىكىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1359324
تۈركىيە سۈرىيەگە جاۋاب قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «سۈرىيە پارلامېنتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان <1915 – يىلقى ۋەقەلەرنى ئاتالمىش ئىرقىي قىرغىنچىلىق سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىش قارارى> ئىبرەت ۋەسىقىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ،  ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۆز خەلقىنى نارىسىدە بالا، ئەر – ئايال، قېرى – ياش دېمەستىن قەتل قىلىۋاتقان، مىليونلارچە كىشىنى ئۆي - ماكانلىرىدىن  ئايرىۋاتقان ۋە خىمىيەلىك قوراللارنى ئىشلىتىشنى ناھايىتى ياخشى بىلىدىغان سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى يۈزلىمىچىلىكىنىڭ رەسىمىدۇر. دەرۋەقە، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى سەۋەب بولۇۋاتقان ئىنسانىي تىراگېدىيە ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ۋەھىمىلىك پالاكەتلەردىن بىرى چېگرا رايونلىرىمىزدا يۈز بەرمەكتە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر