ئاقار بىريۇسسېلدا بەزى دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، ئامېرىكا، ئۇكرائىنا، گىرېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

1358526
ئاقار بىريۇسسېلدا بەزى دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو قارارگاھىدا چاقىرىلغان ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئېسپېر بىلەن كۆرۈشتى.

خۇلۇسى ئاقار بىلەن مارك ئېسپېرنىڭ ئۇچرىشىشىدا، سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى خەۋپسىزلىك ۋە مۇداپىئە مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلغانلىقى، ئىدلىب مەسىلىسىگە ھەم ئامېرىكا ھەم ناتونىڭ تېخىمۇ كونكېرت ھەسسە قوشۇشىنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ تەكىتلەپ ئۆتۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئاقار، ناتو مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بارغان بىريۇسسېلدا باشقا بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشتى.

«قەتئىي ياردەم گۇرۇپپىسى رامكا دۆلەتلەر يىغىنى» غا ئىشتىراك قىلغان مىنىستىر ئاقار، ئارقىدىن ئۇكرائىنا مۇداپىئە مىنىستىرى ئاندرىي زاگارودنيۇك بىلەن كۆرۈشۈپ، رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر بىلەن بىرگە مۇداپىئە ۋە ھەربىي ساھەلەردىكى ھەمكارلىقلار توغرىسىدا سۆزلەشتى.

خۇلۇسى ئاقار ئارقىدىن گىرېتسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى نىكولائوس پاناگىئوتوپولوس بىلەن كۆرۈشتى؛ ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى دىيالوگ قاناللىرىنىڭ ئوچۇق قېلىشىنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەپ ئۆتۈلدى.


خەتكۈچ: #ناتو , #تۈركىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر