ئەردوغان ئىسلامئابادقا يېتىپ باردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيە – پاكىستان يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ 6 – نۆۋەتلىك يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن پاكىستانغا يېتىپ باردى.

1358965
ئەردوغان ئىسلامئابادقا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى پايتەخت ئىسلامئابادتا پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان رەسمىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ كۈتۈۋالدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە، ئالاقىدار مىنىستىرلىقلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئىسلامئابادتا ئېچىلىدىغان كېڭەش يىغىنىدا، تۈركىيە - پاكىستان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ئومۇمىيۈزلۈك كۆزدىن كەچۈرۈلىدۇ، ھەمكارلىقنىڭ كېڭەيتىلىشى ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

باياناتتا، كېڭەش يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلىشىگە پايدىلىق ھەرخىل كېلىشىملەرنىڭ ئىمزالىنىشىنىڭ پىلانلىنىۋاتقانلىقى، زىيارەت جەريانىدا، تۈركىيە – پاكىستان ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنى ئېچىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ پاكىستان پىرېزىدېنتى ئارىف ئالۋى بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى، رايون ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇشىمۇ كۈتۈلمەكتە.

ئەردوغان ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى جەريانىدا پاكىستان پارلامېنتى بىلەن ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئورتاق يىغىنىدا ئىشتىراكچىلارغا خىتاب قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر