ئەردوغان «ئەڭ ياخشى كۆرۈلىدىغان دۇنيا رەھبىرى» بولدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شىمالىي ماكېدونىيەدە «ئەڭ ياخشى كۆرۈلىدىغان دۇنيا رەھبىرى» بولدى.

1358993
ئەردوغان «ئەڭ ياخشى كۆرۈلىدىغان دۇنيا رەھبىرى» بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزى شىۋېيتسارىيەگە جايلاشقان خەلقئارالىق تەتقىقات شىركىتى « Gallup International Association » گە ئەزا برىما تەتقىقات ئورنى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان راي سىناش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «ئەڭ ياخشى كۆرۈلىدىغان دۇنيا رەھبەرلىرى» تىزىملىكىدە بىرىنچى رەتتىن ئورۇن ئالغان. راي سىناشقا قاتناشقانلارنىڭ % 60 تى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا قارىتا ئىجابىي قاراشتا بولغان.

ئەردوغاندىن قالسا تىزىملىكتىن يۇقىرىدىن تۆۋەنگە، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، كاتولىك دۇنياسىنىڭ روھانىي رەھبىرى پاپا فرەنسىس، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئورۇن ئالغان.

شىمالىي ماكېدونىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىقى مۇزاكىرىلىرىنى ۋېتو قىلغان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بولسا، تىزىملىكنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىن ئورۇن ئالغان. ماكرونغا راي سىناشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ % 21 ئىجابىي قارىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر