ئاقار ناتونى ئىدلىب مەسىلىسىدە ياردەمگە چاقىردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئىدلىبتىكى ھۇجۇملىرىغا قارشى ئەمەلىي ياردەم بېرىشكە چاقىردى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقار «‹ Associated Press › خەۋەر ئاگېنتلىقى» غا ئىدلىبتىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە بەرگەن باياناتىدا، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ تۈركىيە قىسىملىرىنىڭ كۆزىتىش ياكى ھەربىي نۇقتىلىرىغا قايسى شەكىلدە ھۇجۇم قىلىشىدىن قەتئىينەزەر تۈركىيە ئارمىيەسىگە تېخىمۇ كۈچلۈك شەكىلدە جاۋاب قايتۇرۇش توغرۇلۇق يوليورۇق چۈشۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بەششار ئەسەد كۈچلىرى قايسى شەكىلدە ھۇجۇم قىلىشىدىن قەتئىينەزەر تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇلىدۇ، بىز كۆپ قېتىم خادىملىرىمىز ۋە ئەسكەرلىرىمىزنى ئىدلىبتىكى كۆزىتىش نۇقتىلىرىدىن چېكىندۈرمەيدىغانلىقىمىزنى بىلدۈردۇق. قىسىملىرىمىز داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. جۈملىدىن، تۈركىيە ئىدلىبتىكى 12 كۆزىتىش نۇقتىسىدىن ھېچبىرىنى بوشاتمايدۇ. رۇسىيەدىن، بەششار ئەسەد كۈچلىرىدىن 2018 – يىلقى <سوچى كېلىشىمى> گە ئاساسەن چېكىنىشى ۋە ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە (M5) تاش يولىنى تەرك ئېتىشى ئۈچۈن تەسىر كۈچىنى ئىشقا سېلىىشىنى تەلەپ قىلدۇق، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىمىز. ۇسىيەدىن بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ بۇ ھۇجۇملىرىنى توختىتىشىنى ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىنسانلارنىڭ ئۆي – ماكانلىرىغا قايتىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى تەلەپ تەلەپ قىلىۋاتىمىز. تۈركىيەنىڭ ئىدلىبتىكى نىشانى، <سوچى كېلىشىمى> نى قوللاش ۋە كۆچمەنلىك دولقۇنىغا تاقابىل تۇرۇشتۇر.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

تۈركىيەدە بۈگۈن 341 يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 341كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

ئاقار موڭغۇلىيە باش ئەلچىسىنى قوبۇل قىلدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار موڭغۇلىيە باش ئەلچىسى بولد راۋداننى قوبۇل قىلدى.