تۈركىيە ئارمىيەسى شېھىت ئەسكەرلەرنىڭ ئىنتىقامىنى ئالدى

تۈركىيە ئارمىيەسى، ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ كونتروللۇقىدىكى 115 ئورۇننى ئوققا تۇتۇپ، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسەن، 101 ئەسەد ئەسكىرىنى بىر تەرەپ قىلدى.

1356810
تۈركىيە ئارمىيەسى شېھىت ئەسكەرلەرنىڭ ئىنتىقامىنى ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تۈركىيە ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ 5 كىشىنى شېھىت قىلىشىدىن كېيىن، تۈركىيە ئارمىيەسى، سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ 115 ئورنىنى ئوققا تۇتۇپ، 101 ئادىمىنى بىر تەرەپ قىلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ ئىدلىبتىكى ھۇجۇمىدىن كېيىن، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىنتىقام ئېلىش بەلگىلىمىلىرىدە كۆرسىتىلگەن يوللۇق قوغدىنىش دائىرىسىدە دەرھال قايتۇرما ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ كونتروللۇقىدىكى 115 ئورۇننى ئوققا تۇتۇپ، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسەن، 101 ھاكىمىيەت ئەسكىرىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنىئۇقتۇردى.

باياناتتا، «شېھىت ۋە يارىدار سەپداشلىرىمىزنىڭ قېنى يەردە يەردە قويۇلمىدى، قويۇلمايدۇ. بۇ خائىنلارچە ھۇجۇمنى سادىر قىلغۇچىلاردىن ھېساب ئېلىنىدۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش ھۇجۇملارغا – بۈگۈنگىچە قانداق بولغان بولسا، شۇ بويىچە – يوللۇق قوغدىنىش ھوقۇقىمىزدىن ئەڭ ئۈنۈملۈك شەكىلدە پايدىلىنىمىز. ئۆزگىرىشلەر يېقىندىن كۆزىتىلمەكتە ۋە تېگىشلىك تەدبىرلەر يولغا قويۇلماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئىدلىبتا يۈز بەرگەن تۈنۈگۈنكى خائىنلارچە ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر شېھىت بولغان، 5 ئەسكەر يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر