تۈركىيە ئىلھام ئەلىيېۋ ۋە يېڭى ئەزەربەيجان پارتىيەسىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە، ئەزەربەيجاندا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى يېڭى ئەزەربەيجان پارتىيەسىنى تەبرىكلىدى.

تۈركىيە ئىلھام ئەلىيېۋ ۋە يېڭى ئەزەربەيجان پارتىيەسىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «مىللىي مەجلىس سايلاملىرىنىڭ قېرىنداش ئەزەربەيجانغا خەيرلىك بولۇشىنى تىلەيمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

سايلامدا قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرى مۇناسىۋىتى بىلەن پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى يېڭى ئەزەربەيجان پارتىيەسى تەبرىكلەنگەن باياناتتا، «سايلاملارنىڭ پۈتكۈل دۆلەت مىقياسىدا تىنچ – ئامان ئۆتكۈزۈلگەنلىكىدىن خۇشاللىق ھېس قىلماقتىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا يەنە، «ئەزەربەيجان دائىرىلىرىنىڭ سايلاملارنىڭ دېموكراتىك پىرىنسىپلار ۋە ئوچۇق – ئاشكارا بولۇش ئۆلچەملىرىگە ماس ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن باشتىن بۇيان سەرپ قىلغان كۈچىنى ۋە ئەزەربەيجان خەلقىنىڭ سايلام مۇساپىسىدە نامايان قىلغان ئالىيجانابلىقىنى تەقدىرلەشكە ئەرزىيدۇ، دەپ قارايمىز» دېدى.

ئەزەربەيجاندا 5 مىليون 387 مىڭ بېلەت تاشلىغۇچى بار بولۇپ، 125 ئورۇندۇنلۇق پارلامېنتقا پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ كىرىش ئۈچۈن 299 ى ئايال بولۇپ جەمئىي 1314 نامزات رىقابەتكە چۈشتى، سايلامنى 77700 ئەتراپىدا ئەزەربەيجانلىق، 880 چەت ئەللىك نازارەتچى كۆزەتتى.

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، 5 – دېكابىر (2019) دا پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىپ، مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر