شىمالىي قىبرىس پىرېزىدېنتىنىڭ شورپىشانە سۆزلىرى قاتتىق نارازىلىق قوزغىدى

تۈركىيەدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتى مۇستافا ئاكىنجىنىڭ تۈركىيەگە قاراتقان سۆزلىرىنى ئەيىبلدى.

1355918
شىمالىي قىبرىس پىرېزىدېنتىنىڭ شورپىشانە سۆزلىرى قاتتىق نارازىلىق قوزغىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتى مۇستافا ئاكىنجىنىڭ ئەنگلىيە مەتبۇئاتلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، تۈركىيەگە تەۋە بولۇش ئېھتىمالىغا قارىتا، «ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بىر ئىش» دەپ باھا بەرگەن باياناتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، ئۇنىڭ ئولتۇرغان ئورۇندۇقىغا قەتئىي ياراشمايدىغان سۆزلەر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

فۇئات ئوكتاي تۋىتتېر ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ھەر قانداق شارائىت ئاستىدا شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېنىدا ئورۇن ئالغان، قىبرىس خەلقىنى ۋە مەنپەئەتلىرىنى قوغداپ كېلىۋاتقان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئۈچۈن ئىشلەتكەن سۆزلىرىنى ئەيىبلەيمەن. كىچىك ھېسابلار ۋە غايىسىز سىياسىي پوزىتسىيەلەر بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە، تۈركىيەنى سايلام ۋاستىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىشىگە قەتئىي يول قويۇلمايدۇ» دېدى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستاپا شەنتوپ بولسا، مۇستاپا ئاكىنجىنىڭ باياناتلىرىغا قارىتا «تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە چوڭ خاتالىق» دەپ باھا بەردى.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىكى ئۇچۇر ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى فاھرىتتىن ئالتۇنمۇ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتى ئاكىنجىنىڭ باياناتلىرىنى ئەيىبلەپ: «شېھىتلىرىمىزنىڭ ئەزىزانە رۇھلىرىنى بىئارام قىلىدىغان بۇ خىل باياناتلار، تۈرك مىللىتىنىڭ نەزىرىدە ئۆزىنى يوقىتىپ قويغان بىر سىياسەتچىدىكى مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش قايغۇسىنىڭ ئىپادىسى قاتارىدىلا كۆرۈلىدۇ» دېدى.

ئەدلىيە مىنىستىرى ئابدۇلھەمىت گۈل ئاكىنچىنىڭ تۈركىيەگە قاراتقان سۆزلىرى بىلەن ھەممىدىن ئىلگىرى ئۆز ئەجدادلىرىنىڭ ۋە شېھىتلەرنىڭ ررھىنى بىئارام قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى ۋەكىلى نۇمان قۇرتۇلمۇشمۇ ئاكىنجىنىڭ باياناتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ: «شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ پىرېزىدېنتى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇنداق تەتۈر پىشانە بايناتلاردا بولۈشى قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدۇ. بۇ سۆزلەر قىبرىس تۈركلىرىگە ۋە ئۇيەردە تۈركىيەنىڭ شۇنداقلا ئەزىز مىللىتىمىزنىڭ تارىخ بويىچە ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىگە ھۆرمەتسىزلىكتۇر. بۇنى قەتئىي قوبۇل قىلالمايمىز ۋە توغرا قارىيالمايمىز» دېدى.

مىللىيەتچى ھەرىكەت پارىتىيەسى رەئىسى دەۋلەت باھچىلىمۇ: «مۇستاپا ئاكىنچىنىڭ شەرىپى ۋە ۋىجدانى بىلەن ھەرىكەت قىلىپ، ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشىنىلا كۈتىمىز ۋە ئارزۇ قىلىمىز» دېدى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر