ئەردوغان پاكىستان پارلامېنتىغا خىتاب قىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 4 – قېتىم پاكىستان پارلامېنتىغا خىتاب قىلىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن قانىتى مىللىي مەجلىسنىڭ باشلىقى ئەسەد قەيسەر، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 13 – 14 – فېۋرال كۈنلىرى پاكىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقىنى، 14 – فېۋرال كۈنى پاكىستان پارلامېنتىدا پالاتا ھەم پارلامېنت ئەزالىرىغا خىتاب قىلىدىغانلىقىنى، ھەمدە پارلامېنتتىكى ھەرقايسى گۇرۇپپىلارنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچىشىشلارنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
باش مىنىستىر ۋە جۇمھۇر رەئىس سۈپىتىدە پاكىستاندا ئۇدا 9 قېتىم زىيارەتتە بولغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، 2009 -، 2012 – ۋە 2016 – يىللىرى پاكىستان پارلامېنتىغا خىتاب قىلغانىدى.
پاكىستان پارلامېنتىغا ئەڭ كۆپ خىتاب قىلغان چەت ئەللىك رەھبەر بولغان ئەردوغاندىن سىرت يەنە، 7 – جۇمھۇر رەئىس كەنان ئەۋرەنمۇ پاكىستان پارلامېنت ئەزالىرىغا خىتاب قىلغانىدى.