ئەردوغان: «ئىدلىبتىكى شېھىتلىرىمىزنىڭ سانى 8 گە چىقتى»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۈرىيە قىسىملىرىنىڭ ئىدلىبتىكى ھاۋا ھۇجۇمىدا شېھىت بولغانلار سانىنىڭ 8 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1352572
ئەردوغان: «ئىدلىبتىكى شېھىتلىرىمىزنىڭ سانى 8 گە چىقتى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن يېتىپ بارغان ئۇكرائىنادا، پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر زېلېنسىكىي بىلەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىردى.

ئەردوغان باياناتىدا، «ئىدلىب مەسلىسىنىڭ يۆنىلىشى كۈنسىرى تېخىمۇ چېگىش ئەھۋالغا كەلدى. سۈرىيە قىسىملىرى ئەپسۇسكى رۇسىيەنىڭمۇ كۆز يۈمىۋىلىشى بىلەن 3-4 مىليون ئىنسان ياشاۋاتقان بۇ رايونغا ھۇجۇم قىلىشنى توختاتمىدى. بۇ ئىنسانلار بىزنىڭ چېگراغا كېلىشكە باشلىدى. بۇ قېتىم ئەپسۇسكى 1 مىليونغا يېقىن كىشى چېگرايمىزغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە» دېدى.

ئىدلىبتە ئەتىگەندە ئەسەد قىسىملىرى تەرىپىدىن قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 3 پۇقرانى قوشقاندا شېھىت بولغانلار سانىنىڭ 8 گە چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان: «ھەم ھاۋا ئارمىيەمىز، ھەم قۇرۇغلۇق ئارمىيەمىز بىلەن ئەسەد قىسىملىرىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، كېرەكلىك بەدەلنى تۆلىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر