ئەردوغان: بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى  ئىدلىبتىكى ھۇجۇمى ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئىدلىبتىكى تۈركىيە قىسىملىرىغا قىلغان ھۇجۇمى ئۈچۈن چوقۇم بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1353252
ئەردوغان: بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى  ئىدلىبتىكى ھۇجۇمى ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئۇكرائىنا زىيارىتىدىن قايتىشىدا ئايروپىلاندا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، بۇ ھەقتە توختالغاندا مۇنداق دېدى: «بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇمى <ئىدلىب كېلىشىمى> نى ئوچۇق - ئاشكارا ھالكدا دەپسەندە قىلغانلىقتۇر. بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم بەدەل تۆلەيدۇ. دەرۋەقە، بەششار ئەسەد كۈچلىرىگە چاقماق تېزلىكىدە جاۋاب قايتۇرۇلۇپ، سۈرىيە ئەسكەرلىرىدىن 79 سى بىر تەرەپ قىلىندى.»

رايوندىكى رۇسىيەنىڭ ھەربىي پائالىيەتلىرى توغرىلىقمۇ توختالغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «نۆۋەتتە رۇسىيە بىلەن توقۇنۇشۇشنىڭ ياكى جىددىي بىر شەكىلدە مۇناسىۋەتلىرىمىزنى يىرىكلەشتۈرۈۋېتىشىمىزنىڭ قىلچە زۆرۈرىيىتى يوق. دەرۋەقە، رۇسىيە بىلەن ناھايىتى جىددىي ئىستىراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلىرىمىز باردۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر