خۇلۇسى ئاقار: «ئىدلىبتە 76 نەپەر ئەسەد ئەسكىرىنى ئۇجۇقتۇردۇق»
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدا ئەسەد قىسىملىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېىرغلان ھاۋا ھۇجۇمىدا 3 پۇقرانى قوشقاندا، جەمئىي 8 ئەسكەر شېھىت قىلىنغانلىقىغا جاۋابەن 76 نەپەر ئەسەد ئەسكىرىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، ئارمىيە باش ئىتاب باشلىقى گېنېرال ياشار گۈلەر ۋە ھەر قايسى قىسىم قوماندانلىرى بىلەن بىرگە سۈرىيە چېگراسىنىڭ نۆل نۇقتىسىدا، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ «ئىدلىب يېرىكچىلىكنى تۆۋەنلىتىش رايونى» دىكى پائالىيەتلىرىگە قوماندانلىق قىلىدىغان ھەربىي بازىدا بايانات ئېلان قىلدى.
خۇلۇسى ئاقار: «سۈرىيە ھۆكۈمىتى قىسىملىرى تەرىپىدىن ئالدىنقى كۈنى كەچتە شۇ يەرنىڭ ۋاقتى سائەت 01:13 ئۆتكەندە ئەسكەرلىرىمىزگە ھۇجۇم قىلىندى. قانۇلۇق قوغدىنىش دائىرىسىدە بېرىلگەن يوليۇرۇققا بىنائەن مەزكۇر رايوندا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىمىز ئەسەد قىسىملىرىغا دەل ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرۇپ، تېگىشلىك زەربە بەردى. ھازىرغا قەدەر ئەسەد قىسىملىرىغا تەۋە 54 نىشانغا زەربە بېرىلدى. ھەر قايسى مەنبەلەردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا 76 نەپەر ئەسەد ئەسكىرى ئۇجۇقتۇرۇلدى» دېدى.
ئىدلىبتە ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 3 پۇقرانى قوشقاندا جەمئىي 8 كىشى شېھىت بولغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

رۇس ئۇرۇش پاراخوتلىرى ئىستانبۇلدىن بوغۇزىدىن ئۆتتى
رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئىككى ئۇرۇش پاراخوتى ئىستانبۇل بوغۇزىدىن ئۆتتى.