چاۋۇشئوغلۇ «قايتىدىن ئاسىيا» يىغىنىدا سۆز قىلدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سۈرىيەدە تۈركىيە ئەسكەرلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇملارغا جاۋاب بېرىلگەنلىكىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1353129
چاۋۇشئوغلۇ «قايتىدىن ئاسىيا» يىغىنىدا سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ «قايتىدىن ئاسىيا» سىياسىتى ھەققىدە ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئەنقەرەدىكى دىپلوماتىك ۋاكالەتخانىلىرىغا قارىتا ئېچىلغان يىغىندا سۆز قىلدى.

ئۇ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان سۈرىيە كىرىزىسىگە ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ: «يېقىنقى كۈنلەردە ئىدلىبتە ئېغىر يىرىكچىلىكلەر بولدى. تۈنۈگۈن (3-فېۋرال) سەككىز ئەسكىرىمىز شېھىت بولدى. بەششار ئەسەدنىڭ ئۇرۇشقاق پوزىتسىيەسى، نومۇسسىزلىقى بارغانسېرى ئېشىۋاتىدۇ. رۇسىيە بىلەن بۇ توقۇنۇشلارنى توختىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز. بۇ مەقسەتتە، تۈنۈگۈن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتۈم» دېدى.

ئۇ سۈرىيە كىرىزىسى مەسىلىسىدە، رۇسىيەنىڭ زىممىسىگە مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ چۈشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بالدۇرراق ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىشنى ۋە ئاساسىي قانۇن كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە سىياسىي مۇساپىنى تېزلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىمىز. بىراق، بىزگە قىلىنغان ھۇجۇملارغا چىداپ تۇرۇشىمىز مۇمكىن ئەمەس. جاۋابىنى بەردۇق، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ جاۋابىنى بېرىمىز» دېدى.

ئۇ ئاستانا ۋە سوچى مۇساپىلىرىنىڭ پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئوتتۇرىدىن يوقالمىغانلىقىنى، بىراق زىدىلىنىشكە باشلىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ «بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى تولۇق كونترول قىلالمايمىز» دېگەندەك باھانىلىرىنى توغرا دەپ قارىمايدىغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر