شەنتوپ سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ پەلەستىن دەۋاسىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىگە يۇقىرى باھا بەردى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستافا شەنتوپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئاتالمىش ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق پىلانىنى ئەيىبلەش ئارقىلىق پەلەستىن دەۋاسىدا بىر گەۋدە بولغانلىقى ئۈچۈن سىياسىي پارتىيەلەرگە رەھمەت ئېيتتى.

1350221
شەنتوپ سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ پەلەستىن دەۋاسىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىگە يۇقىرى باھا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇستافا شەنتوپ تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە گۇرۇپپىسى بار بولغان سىياسىي پارتىيەلەر قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئاتالمىش تىنچلىق پىلانىنى ئەيىبلىدى ۋە ئۇنى ئىناۋەتسىز ھېسابلىنىدى. غازى مەجلىسىمىزنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن پەلەستىن دەۋاسىدا بىر گەۋدە بولغانلىقى ئۈچۈن پارتىيەلىرىمىزگە رەھمەت ئېيتىمەن. پەلەستىننى ئىشغال قىلىش پىلانىنى قەتئىي قوبۇل قىلمايمىز» دېدى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە گۇرۇپپىسى بار بولغان سىياسىي پارتىيەلەر تۈنۈگۈن قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق پىلانىنى ئەيىبلىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر