چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە بايرىقىنى يىرتقان گىرېتسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ياۋروپا پارلامېنتىدا تۈركىيە بايرىقىنى يىرتقان گىرېك پارلامېنت ئەزاسى ئىئوئاننىس لاگوسقا نارازىلىق بىلدۈردى.

1350311
چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە بايرىقىنى يىرتقان گىرېتسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، «شانلىق بايرىقىمىزغا ئۇزارتىلغان قوللارنى قانداق سۇندۇرغانلىقىمىزنى، دېڭىزغا قانداق تۆكۈۋەتكەنلىكىمىزنى بۇ ئىرقچى ئىدىيەدىكىلەر ھەممىدىن ياخشى بىلىدۇ. ياۋروپانىڭ ئەركە، ئىرقچى بالىلىرى ھەددىنى بىلسۇن. ياۋروپا، ئىسلامغا قارشى تۇرۇشقا ۋە ئىرقچىلىققا ئەمدى <توختا> دېيىشى لازىم. بايرىقىمىز ھەممە يەردە شەرەپ بىلەن لەپىلدەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭمۇ بۇ ھەييارغا قارىتا تېگىشلىك قەدەمنى تاشلىشىنى كۈتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

گىرېتسىيەلىك ئىرقچى پارلامېنت ئەزاسى ئىئوئاننىس لاگوس، بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان ياۋروپا پارلامېنتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىنىڭ «گىرېتسىيە ئاراللىرىدا ئىنسانىي ۋەزىيەت» تېمىسىدىكى بۆلۈمىدە تۈركىيە بايرىقىنى يىرتقانىدى.

گىرېك خەلقىنىڭ كۆچمەنلەرنىڭ ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن لاگوس، «بىر تەرەپتە تۈركىيە بار، خالىغىنى قىلالايدۇ. كۆچمەنلەر توپ – توپ بولۇپ دۆلىتىمىزگە كەلمەكتە. مانا بۇ تۈرك بايرىقى، بۇنى قانداق قىلغۇلۇق، يىرتىپ تاشلىغۇلۇق. ئەمدى بۇنىڭغا خاتىمە بېرىشىمىز لازىم» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر