چاۋۇشئوغلۇ بېلگىيە يۇقىرى سوتىنىڭ پ ك ك دېلوسىغا مۇناسىۋەتلىك قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، بېلگىيە يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا چېتىشلىق تەكشۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1349570
چاۋۇشئوغلۇ بېلگىيە يۇقىرى سوتىنىڭ پ ك ك دېلوسىغا مۇناسىۋەتلىك قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، بېلگىيە يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ، بېلگىيەدە داۋاملىشىۋاتقان، تۈركىيەمۇ سىرتتىن ئارىلاشقان «ئارىئادنا دېلوسى» ناملىق بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا چېتىشلىق تەكشۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «بېلگىيە مەھكىمىسىنىڭ پ ك ك  تېررورلۇق تەشكىلاتىغا مۇناسىۋەتلىك قارارىنىڭ قانۇن بىلەن يېقىندىن – يىراقتىن مۇناسىۋىتى يوق. بۇ قارار ئىدېئولوگىيەلىك ۋە سىياسىي (غەرەزلىك)دۇر. بىزگە قانۇن ئۆگىتىشكە ئۇرۇنغانلارنىڭ ئەندىشە ئىچىدە چىقارغان ئىككى يۈزلىمىچى بىر قاراردۇر. تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئۈچۈن ئىبرەتلىكتۇر. بۇنىڭغا ئوخشاش ئىدېئولوگىيەلىك قارارلار بىزنى خائىن تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرىشىمىزدىن قەتئىي توختىتالمايدۇ» دېدى.

بېلگىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى، فېدېراتسىيە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ 2010 – يىلى باشلىغان پ ك ك  تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن چېتىشلىق 36 شەخس ۋە بىر ئورۇنغا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشىنىڭ سوت مەھكىمىسىگە ھاۋالە قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەزمۇن قىلغان بېلگىيە ئەيىبلىگۈچىلەر باشقارمىسى قارارىنى ماقۇللىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر