چەت ئەل رەھبەرلىرى تۈركىيە تەزىيە بىلدۈرۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئەلازىغدا مەيدانغا كېلىپ 39 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان يەر تەۋرەش مۇناسىۋىتى بىلەن ھەرقايسى ئەللەر تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈرۈشنى ۋە ياردەم قولىنى سونۇشنى تەكلىپ قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1347998
چەت ئەل رەھبەرلىرى تۈركىيە تەزىيە بىلدۈرۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا
abbas-erdogan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس يەر تەۋرەش مۇناسىۋىتى بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تېلېگرامما يوللاپ، تۈرك خەلقى ۋە يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى.

ئۇ تېلېگراممىسىدا، يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يارىدارلارغا شىپالىقلار تىلىدى، يەر تەۋرەشتە ئۆي ۋە مال – مۈلۈكلىرى زىيانغا ئۇچرىغانلارغا تەسەللىي بەردى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى ئەرسىن تاتارمۇ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇغا تېلېفون قىلىپ تەزىيە بىلدۈردى، تەسەللىي بەردى.

تېلېفون سۆھبەتلىرىدە قىبرىس تۈركلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ ئازابلىرىغا ئورتاق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن تاتار، ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى، يارىدارلارغا تېز شىپالىقلار تىلىدى.

ئۇ، قىبرىس تۈركلىرىنىڭ ھەردائىمقىغا ئوخشاش تۈركىيەدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىدا تۇرىدىغانلىقىنى ۋە ھەرتۈرلۈك ياردەمنى قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

تەيۋەننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئىقتىساد ۋە كۈلتۈر ئىشلىرى ۋەكىلى ياسېر چېڭ، يەر تەۋرەشتىن كېيىن تەيۋەن خەلقىنىڭ تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقىنى ۋە ياردەم قىلىش تەكلىپى سۇنغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، «تۈركىيەگە جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئەۋەتىشكە تەييارمىز. قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشىپ بېرەلەيدىغانلىقىمىزنى مەلۇم قىلىشىڭلارنى ئۈتۈنىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر