ئەردوغان ئالجىرىيەگە يېتىپ باردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئئالجىرىيەلىك مەنسەپدىشى ئابدۇلمەجىد تەببۇننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن تۈركىيە ۋاقتى سائەت 13:35 ئۆتكەندە ئالجېرىيەگە يېتىپ باردى.

1347560
ئەردوغان ئالجىرىيەگە يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئالجىرىيە خۇئاقى بومەدىنە ئايرودورۇمىدا پىرېزىدېنت ئابدۇلمەجىد تەببۇن تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسىم بىلەن قارشى ئېلىندى.

ئەردوغان بىلەن تەببۇن مۇراسىم مەيدانىدىكى ئورۇنلىرىغا كەلگەندىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت مارشى چېلىندى. ئاندىن ئەردوغان بىلەن تەببۇن بىر بىرىگە ھەدىيەلىرىنى تەقدىم قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە تەببۇن مۇراسىمدىن كېيىن ئۇزۇنغىچە سۆھبەتلەشتى.

قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا ئەلجېرىيە مەدەنىيەت ئىشلىرى مىنىستىرى مەلىكە بەندودا، مۇراسىم ئىشلىرى مۇدىرى بەلكېجەم لارىبى ۋە تۈركىيەنىڭ ئالجىرىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ماھىنۇر ئۆزدەمىر كۆكتاشمۇ قاتناشتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئالجېرىيە زىيارىتىگە ئايالى ئەمىنە ئەردوغان، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، سانائەت ۋە تېخنىكا ئىشلىرى مىنىستىرى مۇستافا ۋارانك، ئىستىخبارت ئىدارىسى باشلىقى ھاقان فىدان، جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر ئالاقە ئىشلىرى ئىدراسى باشلىقى فەھرىتتىن ئالتۇن ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن ھەمراھ بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر