ئەردوغان: خەلقئارانىڭ سۈرىيەدە سادىر قىلغان خاتالىقنى لىۋىيەدە سادىر قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۈرىيەدە سادىر قىلغان خاتالىقنى لىۋىيەدە سادىر قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1346724
ئەردوغان: خەلقئارانىڭ سۈرىيەدە سادىر قىلغان خاتالىقنى لىۋىيەدە سادىر قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان گېرمانىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن ئىستانبۇلدىكى «تۈرك – گېرمان ئۇنىۋېرسىتېتى يېڭى بىنالىرىنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈش مۇراسىمى» غا قاتناشتى.

ئەردوغان مۇراسىمدىكى سۆزى جەريانىدا لىۋىيەدە ئۇرۇش توختىتىشنى چۆرىدەپ ئېلىپ بېرىلغان خىزمەتلەر ھەققىدە توختىلىپ، «تىنچلىق ئورنىتىلالمىسا، لىۋىيەدىكى ۋەقەلەر پۈتكۈل شەرقىي ئاقدېڭىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. دائېش ۋە ئەلقائىدەگە ئوخشاش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن قوللىغۇچىلىرىنىڭ بۇ دۆلەتلەردە قايتىدىن پەيدا بولۇشىنى خالىمايدىغان بولساق، مەسىلىنى ھەل قىلىش مۇساپىسىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىشىمىز كېرەك. بۇ كىرىزىسقا خاتىمە بېرىش ئەڭ چوڭ نىشانىمىزدۇر» دېدى.

ئىسيانچى ھافتەر ۋە قوللىغۇچىلىرىغا بېسىم ئىشلىتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، «تۈنۈگۈندىن بۇيان تىرىپولىدىكى ئاھالىلەر رايونلىرىغا قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى، ئايرودۇرۇمنىڭ زەربە ئوبيېكتى قىلىنىشى، كىمنىڭ تىنچلىقنىڭ، كىمنىڭ قان ۋە كۆز يېشىنىڭ داۋاملىشىشىنى خالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. يېقىنقى بىر قانچە ھەپتىدىن بۇيان باشتىن كەچۈرگەنلىرىمىز، لىۋىيەگە نىسبەتەن بىر بۇرۇلۇش بولدى. بۇ رېئاللىقنى كۆزدە تۇتۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۈرىيەدە سادىر قىلغان خاتالىقنى لىۋىيەدە سادىر قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان يەنە تۈركىيەنىڭ، تىنچلىق ئورنىتىش، مەسىلىگە چارە تېپىش، قان ۋە كۆز يېشىنىڭ توختىتىلىشى ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەرنى كۈچلۈك شەكىلدە قوللايدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر