ئاقار گىرېتسىيەنى خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، ئەگە دېڭىزىدىكى 23 ئارالنىڭ 16سىنىڭ گىرېتسىيە تەرىپىدىن كېلىشىملەرگە خىلاپ ھالدا قوراللاندۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1345957
ئاقار گىرېتسىيەنى خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر ئاقار پايتەخت ئەنقەرەدىكى روكەتسان (راكېتامىيوت سانائەت ۋە سودا ھەسسىدارلىق شىركىتى)نى ئېكسۇركىسيە قىلىش جەريانىدا بايانات بېرىپ، ئەگە دېڭىزىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ياخشى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرى دائىرىسىدە ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن تېگىشلىك قەدەملەرنى تاشلىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «قارشى تەرەپ بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشلىرىمىزدا داۋاملىق دەپ كەلگىنىمىزدەك، ھېچبىر شەكىلدە ھەققىمىزنى دەپسەندە قىلغۇزمايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

گىرېتسىيەگە بولغان نارازىلىقىنى لىۋىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر دائىرىسىدىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن ئاقار، «گىرېتسىيە، <ھەممە نەرسە مېنىڭ دېگىنىمدەك بولسۇن> دەۋاتىدۇ. قائىدىلەر، ئۇسۇللار، خەلقئارا قانۇن بار. ھەممە ئىش سىلەر خالىغاندەك بولمايدۇ» دېدى.

ئۇ، شەرقىي ئاقدېڭىز ۋە قىبرىستا تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان بىر پىلاننىڭ پۈت تېرەپ تۇرۇش مۇمكىنچىلىكىنىڭ يوقلۇقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر