ب د ت قورالسىزلىنىش يىغىنىدا تۈركىيە قىبرىس رىم تەرەپنىڭ ئىلتىماسىنى رەت قىلدى

تۈركىيە، شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە چاقىرىلغان «قورالسىزلىنىش قۇرۇلتىيى»نىڭ 2020 – يىلىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا قىبرىس رىم دائىرىلىرىنىڭ كۆزەتكۈچى ئەزالىق ئىلتىماسىنى رەت قىلدى.

1345685
ب د ت قورالسىزلىنىش يىغىنىدا تۈركىيە قىبرىس رىم تەرەپنىڭ ئىلتىماسىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىبرىس رىم دائىرىلىرى، بەزى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە قورالسىزلىنىش قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەتلىرىگە كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە ئىشىتىراك قىلىش ئۈچۈن – بۇرۇنقى يىللاردىكى ئوخشاشلا – بۇ يىلمۇ ئىلتىماس قىلدى.

تۈركىيەنىڭ قىبرىس رىم دائىرىلىرىنىڭ ئىلتىماسىنى ماقۇللىمايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن قىبرىس رىم دائىرىلىرىنىڭ ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنمىدى. تىزىملىكتىكى باشقا 37 دۆلەتنىڭ كۆزەتكۈچى ئەزالىق ئىلتىماسى قۇرۇلتاي تەرىپىدىن ماقۇللاندى.


خەتكۈچ: #رەت , #رىم , #تۈركىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر