ئەرەن بۇلغارىيەدە تۈركىيەنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتى سىستېمىسى ھەققىدە مەلۇمات بەردى

تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر ئورگىنى (YTB) باشلىقى ئابدۇللاھ ئەرەن، «ئەڭ مۇھىم ئۆلچىمىمىز ئاكادېمىك ئۇتۇق. بىز ئوقۇش مۇكاپاتى بەرگەندە ئېتنىك كېلىپ چىقىشى، مىللىتىگە ئەمەس، ئاكادېمىك ئۇتۇقىنى ئالدىنقى پىلانغا قويىمىز» دېدى.

1345456
ئەرەن بۇلغارىيەدە تۈركىيەنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتى سىستېمىسى ھەققىدە مەلۇمات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر ئورگىنى (YTB) باشلىقى ئابدۇللاھ ئەرەن، تۈركىيەنىڭ ھەريىلى باكلاۋورلۇق، ماگىستېرلىق ۋە دوكتورلۇق ئوقۇيدىغان 4 مىڭغا يېقىن چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىغا ئوقۇش مۇكاپاتى بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، قوشنا دۆلەت بۇلغارىيەنىڭ ئۆزلىرىگە نىسبەتەن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئابدۇللاھ ئەرەن بۇلغارىيە كونستانتىن پرېسلاۋىكسكى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى سىستېمىسى» نى تونۇتۇش يىغىنىدىن ئىلگىرى ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرى پىروفېسسور دوكتور گېئورگى كولېۋ بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇ، 126 سى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ جەمئىي 208 ئۇنىۋېرسىتېتى بولغان تۈركىيە بېرىۋاتقان ئوقۇش مۇكاپاتىغا 170 دۆلەتتىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلتىماس قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ئابدۇللاھ ئەرەن «تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى سىستېمىسى» نى تونۇتۇش يىغىنىدىمۇ سۆز قىلىپ، تۈركىيەدىكى ئالىي مائارىپنىڭ سۈپىتىنىڭ يۇقىرىلىقىنى تەكىتلىگەن ھالدا، «ئەڭ مۇھىم ئۆلچىمىمىز ئاكادېمىك ئۇتۇق. بىز ئوقۇش مۇكاپاتى بەرگەندە ئېتنىك كېلىپ چىقىشى، مىللىتىگە ئەمەس، ئاكادېمىك ئۇتۇقىنى ئالدىنقى پىلانغا قويىمىز» دېدى.

ئەرەن، يىغىندىن كېيىن بايانات بېرىپ، تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر ئورگىنىنىڭ بىر ھەپتە بويىچە بۇلغارىيە تەشۋىقات پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى، بۇ دائىرىدە بۇلغارىيەدىن ئىلتىماس سۇنىدىغان ئوقۇغۇچىلار سانىدا ئېشىش كۆرۈلۈشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

«بىز ھەم بالقان رايونىنىڭ تىنچلىقى ھەم تۈركىيەنىڭ دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقتىن چېگرا قوشنىسى بولغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىرىش ئۈچۈن ئوقۇش مۇكاپاتلىرىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىمىز» دېگەن ئەرەن، «تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى سىستېمىسى»نىڭ ئۇتۇقنى ئاساس قىلىدىغان خەلقئارالىق بىر ئوقۇش مۇكاپاتى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ پەقەت ئىرقداش خەلقلەرگىلا ئەمەس، پۈتكۈل بۇلغار ياشلارغا ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر