چاۋۇشئوغلۇ داۋوستا بارزانى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى نەچىرۋان بارزانى بىلەن كۆرۈشتى.

1345013
چاۋۇشئوغلۇ داۋوستا بارزانى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، شىۋېيتسارىيەنىڭ داۋوس بازىرىدا چاقىرىلغان 50 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنى جەريانىدا ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى نەچىرۋان بارزانى بىلەن كۆرۈشتى.

مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ نەچىرۋان بارزانى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يېپىق ئۇچرىىشىشتا، تۈركىيەنىڭ، ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشتىن كېيىن ئىراق بىلەن يېقىن ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىنى، كىرىزىسنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ئاكتىپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

مۇشۇنداق قىيىن پەيتلەردە ئىراقنىڭ بىرلىك ۋە پۈتۈنلۈكىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەن چاۋۇشئوغلۇ، ئىراقتىكى بارلىق تەرەپلەرنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە پۈتۈنلۈكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ، ئىراقتا باش كۆتۈرىدىغان مەزھەپ خاراكتېرلىك ياكى ئېتنىك پارچىلىنىشنىڭ خەتەرلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

ئىراقتىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بالدۇرراق بىر تەرەپ قىلىنىپ مۇقىملىق ئورنىتىلىشى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ قولىدىن كېلىدىغان بارلىق ياردەملەرنى قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن چاۋۇشئوغلۇ، بۇ مەقسەتتە مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر بىلەن كۆرۈشۈۋاتقانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر