ئەسەد قىسىملىرى ئىدلىبتىكى ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە، كۆچمەنلەر دولقىنى كۆتۈرىلىدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بەششار ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ئىدلىبتىكى پۇقرالارغا قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرى داۋاملاشقان تەقدىردە، پەيدا بولىدىغان كۆچمەنلەر دولقىنىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1344833
ئەسەد قىسىملىرى ئىدلىبتىكى ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە، كۆچمەنلەر دولقىنى كۆتۈرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ شىۋېيېتسارىيەنىڭ داۋۇس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىۋاتقان 50نۆۋەتلىك دۇنيا ئىقتىسادىي مۇنبىرى يىغىنىدا، بىر خۇسۇسىي قانالنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، شوئاللارغا جاۋاب بەردى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بەششار ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ئىدلىبتىكى پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ، «ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىز سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق ۋەقەنىڭ قورقۇنچلۇق ھالغا كېلىپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈردى. ئەسەد قىسىملىرىنى توسۇپ قىلىش كېرەك. ئۇچرىشىشتا ھۆرمەتلىك پۇتىنغا سەمىمىي ۋە ئۇچۇق بىر شەكىلدە ھۇجۇملارنىڭ توختىتىلىشى كېرەكلىكىنى چۈشۈندۈردى. خەلقئارا جامائەتچىلىككىمۇ ئوخشاش چاقىرىقتا بولدۇق» دېدى.

ئىدلىبتىن كېلىدىغان پاناھلانغۇچىلار دولقۇنى ئۈستىدىمۇ توختالغان مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ: «بىزنىڭ خالايدىغىنىمىز؛ يۇرت - ماكانلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان ئىنسانلارغا ئىدلىب چېگراسى دائىرىسىدە ياردەم قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتۇر. ئىنسانلارنىڭ پاناھلىنىشى ئۈچۈن لاگېر قۇرۇپ چىقىشقا ترىشىۋاتىمىز. 4 مىليونغا يېقىن پاناھلانغۇچى بار. ئەگەر ھۇجۇم داۋملىشىۋېرىدىغان بولسا، يەنە مىليونلىغان كىشى چېگرا ئېغىزىغا كېلىدۇ. بۇنى ھەل قىلالماي قالىمىز. غەربمۇ ھەل قىلالمايدۇ. قىلغىلى بولىدىغان بىردىن بىر ئىش، ھۇجۇملارنى توختىتىشتىن ئىبارەتتۇر» دېدى.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر