ئەردوغان: لىۋىيە مەسىلىسى قان ۋە پاجىئە سودىگەرلىرىنىڭ ئىختىراسلىرىغا قۇربان قىلىنماسلىقى كېرەك

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، لىۋىيەدە ئۇرۇش توختىتىش ۋە بېرلىن يىغىنى ئارقىلىق قايتىدىن بىخلانغان ئۈمىدلەرنىڭ قان ۋە پاجىئە سودىگەرلىرىنىڭ ئىختىراسلىرىغا قۇربان قىلىۋېتىلمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

1343327
ئەردوغان: لىۋىيە مەسىلىسى قان ۋە پاجىئە سودىگەرلىرىنىڭ ئىختىراسلىرىغا قۇربان قىلىنماسلىقى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بېرلىندا چاقىرىلىدىغان «لىۋىيە» يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىدىن گېرمانىيەگە قاراپ يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

«ئىسيانچى ھافتەرنىڭ بىپەرۋالارچە ھۇجۇملىرىغا خەلقئارا جەمئىيەت ئەپسۇسكى تېگىشلىك نارازىلىق بىلدۈرمىدى» دېگەن ئەردوغان، «تۈركىيە مەيلى ئەمەلىي مەيداندا، مەيلى دىپلوماتىيەدە بولسۇن، قىلغان كۈرىشى ئارقىلىق لىۋىيەدە تىنچلىقنىڭ ئاچقۇچى بولدى» دېدى.

لىۋىيەدە ئۇرۇش توختىتىش ۋە بېرلىن يىغىنى ئارقىلىق قايتىدىن بىخلانغان ئۈمىدلەرنىڭ قان ۋە پاجىئە سودىگەرلىرىنىڭ ئىختىراسلىرىغا قۇربان قىلىۋېتىلمەسلىكى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، «ئىسيانچى ھافتەر ۋە قوللىغۇچىلىرىنىڭ ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارلىرىغا ئوچۇق – ئاشكارا خىلاپ ھەرىكەتلىرى ئۇزۇن مۇددەت كۆرمەسكە سېلىندى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر