چاۋۇشئوغلۇ گىرېتسىيەنىڭ ھافتەرنى تەكلىپ قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى

چاۋۇشئوغلۇ، گىرېتسىيەنىڭ لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ لىدېرى خەلىفە ھافتەرنى دۆلىتىدە كۈتۈۋېلىشىنىڭ، لىۋىيەدە تىنچلىق ئورنىتىش يولىدىكى خىزمەتلەرگە زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

1343336
چاۋۇشئوغلۇ گىرېتسىيەنىڭ ھافتەرنى تەكلىپ قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، گىرېتسىيەنىڭ لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ لىدېرى خەلىفە ھافتەرنى دۆلىتىدە كۈتۈۋېلىشىنىڭ، لىۋىيەدە تىنچلىق ئورنىتىش يولىدىكى خىزمەتلەرگە زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بۇ مەسىلە ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، گىرېك – رىم مۇناسىۋىتىنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدا داۋراڭ سېلىش ئارقىلىق قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ھەق – ھوقلىرىغا زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

 چاۋۇشئوغلۇ، (ئىككى دۆلەتنىڭ) بۇ داۋراڭلارنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىمۇ سۇيىئىستېمال قىلىش ئارقىلىق يوللۇقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ رايوننىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزگەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان ھالدا، «بۇنىڭ ئەڭ يېڭى ئۈلگىسى لىۋىيە. بىزنىڭ لىۋىيەدىكى قانۇنلۇق ھۆكۈمەت بىلەن تۈزگەن ئىككى كېلىشىمىز گىرېتسىيەنى ئالاقزادە قىلىپ قويدى» دېدى.

ئۇ، گىرېسىيەنىڭ دىيالوگ ئۆتكۈزۈشنىڭ ئورنىغا لىۋىيەدىكى قانۇنلۇق ھۆكۈمەت بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزگەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئەپسۇسكى، (گىرېتسىيەلىك ئەمەلدارلار) <دۈشمىنىمنىڭ دۈشمىنى دوستۇمدۇر> تونۇشىغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلماقتا. ئەسلىدە بۇنىڭ ئارقىسىدا دېڭىزدىكى سالاھىيەت ساھەسى دەۋالىرىنى لىۋىيەگىمۇ سىڭدۈرۈشكە ئۇرۇنۇش تىرىشچانلىقلىرى ياتىدۇ. ئۆتكەن يىللاردىمۇ گىرىتنىڭ جەنۇبىدا لىۋىيەنىڭ ھەق ۋە مەنپەئەتلىرىگە زىيان يەتكۈزىدىغان شەكىلدە نېفىت ۋە تەبىئىي گاز رۇخسەت ساھەلىرىنى بېكىتىپ چىقىشقانىدى. بۇ ئەھۋالغا قارىتا لىۋىيەنىڭ قانۇنلۇق ھۆكۈمىتىمۇ ھەق – ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن بىز بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى. گىرېتسىيەنىڭ ھافتەرنى دۆلىتىگە تەكلىپ قىلىشى ۋە ئۆزىنىڭ مىللىي كۈنتەرتىپىنى ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىشى لىۋىيەدە تىنچلىق ئورنىتىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلارغا زىيان يەتكۈزمەكتە. بۇ بىھۇدە ئۇرۇنۇشلارنىڭ مېۋە بەرمەيدىغانلىقىنى، بىكاردىن – بىكار كۈرەك بېسىۋاتقانلىقلىرىنى گىرېك دوستلىرىمىزغا ئەسلىتىپ ئۆتۈشنى خالايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا 19 – يانۋار (بۈگۈن) ئۆتكۈزۈلىدىغان لىۋىيە تېمىلىق يىغىندىن ئىلگىرى گىرېتسىيەدە «تويۇقسىز، شۇنداقلا يوشۇرۇن» زىيارەتتە بولغان ھافتەر، تۈنۈگۈن ئاتىنادا باش مىنىستىر كىرياكوس مىچوتاكىس ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكوس دېندىئاس بىلەن كۆرۈشكەنىدى.

مىچوتاكىس – ھافتەر ئۇچرىشىشىدىن كېيىن بايانات بېرىلمىگەن، دېندىئاس بىلەن ھافتەرنىڭ بىر سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان ئۇچرىشىشىدا بولسا، لىۋىيە مەسىلىسىنىڭ مۇھاكىمە قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر