ئىراقتا پ ك ك تېررورچىلىرى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھاقۇرۇق رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرىدىن ئۈچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1341865
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ئارمىيەمىزنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھاقۇرۇق رايونىدا قۇرۇقلۇق ھەم ھاۋادىن ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرىدىن ئۈچى بىر تەرەپ قىلىندى. دۆلەت ئىچى-سىرتىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەربىي ھەرىكەتلىرىمىز ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا.»
يەنە بىر تەرەپتىن، ئىراقنىڭ شىمالىدا تۈركىيە قىسىملىرىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارغان ھاۋا ھەم قۇرۇقلۇق ھۇجۇملىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرىدىن 6 سى بىر تەرەپ قىلىندى.