ئەردوغان: ئىقتىسادىي نىشانىمىز دۇنيادىن ئېشىپ كېتىش

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىقتىسادىي ئېشىشتا %3.4 لىك دۇنيا ئىقتىسادىي ئېشىش مۆلچەرىدىن ئېشىپ كېتىشنى نىشان قىلغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1342220
ئەردوغان: ئىقتىسادىي نىشانىمىز دۇنيادىن ئېشىپ كېتىش
cumhurbaskani erdogan 2019 degerlendirme.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بەشتەپە مىللەت كونگرە ۋە مەدەنىيەت مەركىزىدە «2019-يىللىق خۇلاسە يىغىنى» دا سۆز قىلدى. ئۇ يېڭى ئىقتىسادىي پىروگراممىدا، بۇ يىل پۇل پاخاللىقىنى %8.5 كە، پىروگرامما مەزگىلى ئاخىرىدا %4.9 كە چۈشۈرۈشنى نىشان قىلغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بۇ يىل (2020) ئىقتىسادىي ئېشىشتا %5 يېتىپ، %3.4 لىك دۇنيا ئىقتىسادىي ئېشىش مۆلچەرىدىن ئېشىپ كېتىشنى نىشان قىلىمىز.»

ئۇ يېڭى ئىقتىسادىي پىروگرامما بويىچە، ئالدىمىزدىكى ئۈچ يىلدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى 3.2 مىليون كىشى كۆپەيتىپ، 2022-يىلىدا ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %9.8 كە چۈشۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئۆتكەن يىلى (2019) مىللىي ئىتتىپاقلىق ۋە تەڭ-باراۋەرلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكلىرىنى، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى چېگرالاردىن يىراقلاشتۇرغانلىقلىرىنى، ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلارغا دۇنيانى زىندان قىلغانلىقلىرىنى، چېگرالار بويىچە قۇرۇلماقچى بولغان تېررورلۇق كارىدورىنى پارچىلاپ تاشلىغانلىقلىرىنى، ئىقتىسادتا قۇرۇلغان تۇزاقلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، دىققەتنى قايتىدىن نىشانغا مەركەزلەشتۈرگەنلىكلىرىنى تەكىتلىدى.

ئۇ: «ئەمدى بولسا، ھەم ئىقتىسادىي جەھەتتە ئېشىشنى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەمدە ئاقدېڭىز قاتارلىق خەلقئارالىق سەھنىلەردىكى ھەق-ھوقۇقلىرىمىزغا ئىگە چىقىپ، يېڭى شاخلىنىش دەۋرلىرىنىڭ ئىشىكلىرىنى ئاچماقتىمىز. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، 2019-يىلى ئېكسپورت نەتىجىلىرى، تۈركىيەنىڭ ئەڭ قىيىن مەزگىللەردىمۇ نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقى كۆرسەتكەن مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىسىگە ئايلاندى. ئىنشائاللاھ 2020-يىلىدىمۇ ساھەلەر بويىچە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، خەلقىمىزنىڭ بىزگە بولغان كۆڭلى ۋە قىلغان پىداكارلىقلىرى ئۈچۈن بۇرچىمىزنى ئادا قىلىشقا تىرىشىمىز» دېدى.

ئۇ ئۆتكەن يىلى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت ئۈستىدىمۇ توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«دائېش، ئەل قائىدە ۋە باشقا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە 388 تېررورىست بىر تەرەپ قىلىندى. مەقسىتىمىز 780 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرلىق ۋەتەن زېمىنىنىڭ ھەر بىر غىرىچ يېرىدە، خەلقىمىزنىڭ بىخەتەر، خاتىرجەم ۋە كېلەچىكىگە ئىشەنگەن ھالدا ياشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتۇر.»

ئۇ مىللىي خەۋەرلىشىش سۇنئىي ھەمراھى «ÜRKSAT 6A» نى مۇشۇ يىل (2020) ئىچىدە تاماملاپ، 2021-يىلى ئالەمگە قويۇپ بېرىدىغانلىقلىرىنى؛ كېيىنكى يىللاردا، سەھىيە، مائارىپ، ئادالەت، ئىقتىساد ۋە يېزا ئىگىلىكى ساھەلىرىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك خىزمەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر