ئەردوغان ۋە چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە ئەرمەنلىرىنىڭ يېڭى پاترىكىنى قوبۇل قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈنۈگۈن تۈركىيە ئەرمەنلىرىنىڭ 85 – پاترىكى ساھاك ماشالياننى قوبۇل قىلدى.

1340889
ئەردوغان ۋە چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە ئەرمەنلىرىنىڭ يېڭى پاترىكىنى قوبۇل قىلدى
çavuşoğlu maşalyan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان بىلەن ماشالياننىڭ جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدىكى ئۇچرىشىشى يېپىق ھالەتتە ئۆتكۈزۈلدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇمۇ ئەنقەرەدىكى ئۇچرىشىشتىن كېيىن تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ، يېڭى پاترىكلىق ۋەزىپىسىنىڭ تۈركىيە ۋە ئەرمەن جامائىتىگە خەيرلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ، «دۆلىتىمىزنىڭ كۆپ خىل مەدەنىيەتلىك ۋە ئەپۇچان مۇھىتىدا ھەممىمىز بىرلىكتە خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

تۈركىيە ئەرمەنلىرىنىڭ 85 – پاترىكلىقىغا سايلانغان ماشاليان، 11 – يانۋاردا ئىستانبۇل قۇمقاپىدىكى مەريەم ئانا چېركاۋىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا پاترىكلىك تەختىگە ئولتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر