باش ئىشتاب باشلىقى گۈلەر ئامېرىكا باش ئىشتاب باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال ياشار گۈلەر بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش ئىشتاب باشلىقلىرى يىغىنى جەريانىدا  ئامېرىكا باش ئىشتاب باشلىقى مارك مىللېي بىلەن كۆرۈشتى.

1341077
باش ئىشتاب باشلىقى گۈلەر ئامېرىكا باش ئىشتاب باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا باش ئىشتاب باشقارمىسى باياناتچىسى پولكوۋنىك دېدې ھالفھىل بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا مۇنداق دېدى: «مىللېر بۈگۈن بىريۇسسېلدا تۈركىيە باش ئىشتاب باشلىقى ياشار گۈلەر بىلەن كۆرۈشتى. ئۇچرىشىشتا، ئىككى قوماندان سۈرىيەنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالى، رايوندىكى تۈركىيە – ئامېرىكا ھەمكارلىقىنىڭ  ئەھمىيىتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تۈركىيە بىلەن بولغان ئىستىراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلەرگە ناھايىتى زور ئەھمىيەت بەرمەكتە.»

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا 29 دۆلەتنىڭ باش ئىشتاب باشلىقلىرى ناتونىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا بىر يەرگە جەم بولدى. ئۇدا ئىككى كۈن داۋاملشىىدىغان يىغىنغا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ باشلىقى گېنېرال ستۇئارت پېچ رىياسەتچىلىك قىلماقتا.

ئىگىلىنىشىچە، يىغىننىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپ ماددىسىنى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مۇداپىئە ۋە خەۋپكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى، ناتونىڭ ئىراقتىكى تەلىم - تەربىيە قىسمى، ئافغانىستاندىكى تېررورىزمغا قارشى قەتئىي ئىرادە بىلەن  كۈرەش قىلىش  كۈچى، كوسوۋودىكى تىنچلىقنى ساقلاش قىسمى، رۇسىيە ۋە ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر قاتارلىق تېمىلار تەشكىل قىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر