ئاقار: لىۋىيە ۋە ئىدلىبتا تىنچلىق ئورنىتىشقا تىرىشىۋاتىمىز

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدا ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇنى ئاداققىچە قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1340572
ئاقار: لىۋىيە ۋە ئىدلىبتا تىنچلىق ئورنىتىشقا تىرىشىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدا ۋە لىۋىيەدە يولغا قويۇلغان ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا توختالدى؛ ئىدلىبتا ۋە لىۋىيەدىكى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئەمەلىي مەيداندا ئاساسىي جەھەتتىن ئىجرا قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئاقار، «بىز بۇنى ئاداققىچە قوللايمىز. ھەم ئىدلىب ھەم لىۋىيەدە بالدۇرراق تىنچلىق، خاتىرجەملىكنىڭ ئورنىتىلىشى، تۆكۈلۈۋاتقان قاننىڭ توختىتىشى تىلىكىمىزدۇر» دېدى.

ئۇ، تۈركىيەنىڭ ھەم ئىدلىب ھەم لىۋىيەدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە چارە تېپىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر