چاۋۇشئوغلۇ: ھافتەر مۇشۇنداق قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغان بولسا، بېرلىن مۇساپىسىنىڭ ئەھمىيىتى يوق

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئىسيانچى ھافتەرنىڭ لىۋىيەدە ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنى ئىمزالىماسلىقنى داۋاملاشتۇرىدىغان بولسا، بېرلىن مۇساپىسىنىڭ بىرەر ئەھمىيىتىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

چاۋۇشئوغلۇ: ھافتەر مۇشۇنداق قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغان بولسا، بېرلىن مۇساپىسىنىڭ ئەھمىيىتى يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئىسيانچى ھافتەر لىۋىيەدە ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنى ئىمزالىماسلىقنى داۋاملاشتۇرىدىغان بولسا، بېرلىن مۇساپىسىنىڭ بىرەر ئەھمىيىتىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

لىۋىيەدىكى تۈركىيەگە قارشى كۈچلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ئىسيانچى گېنېرال خەلىفە ھافتەر ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىمزالىماستىنلا رۇسىيەدىن كەتكەنىدى، دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، «ھافتەر مۇشۇنداق قىلىشنى داۋاملاشتۇرسا، بېرلىن مۇساپىسىنىڭ ئەھمىيىتى قالمايدۇ» دېدى.

«(كېلىشىم) تېكستى پۈتكەنىدى، ئىمزا قويۇش باسقۇچىدا رۇسلار <ھافتەر ئەتىگەنگىچە مۆھلەت تەلەپ قىلدى> دېدى. ھازىر بۇ تېكىستكە ئىمزا قويمايدۇ» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ رەھبەرلىكىدە لىۋىيەدە ئۇرۇش توختىتىپ، تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن تېگىشىلىك ئىشىمىزنى قىلدۇق، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. بىراق، مەنزىرىدىن شۇنى كۆرۈۋاتىمىزكى، كىم تىنچلىقنى، كىم ئۇرۇشنى، كىم لىۋىيەدە بىرلىك – باراۋەرلىك ئورنىتىشنى خالايدۇ كىم خالىمايدۇ، ئوتتۇرىغا چىققان بولدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، لىۋىيەدە ئۇرۇش توختىتىشقا تەرەپ بولغان تەرەپلەردىن ئىسيانچى گېنېرال خەلىفە ھافتەرنىڭ كېلىشىمگە قول قويماستىنلا موسكۋادىن كېتىپ قالغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر